微信扫一扫
分享到朋友圈

作者:新疆涛兰养生服务链有限公司 来源:新疆涛兰养生服务链有限公司 公众号
分享到:

10-21

ئەرلەر ساغلاملىق ۋە كۈچ-قۇدرەتنىڭ سىمۋولى، ئەنگلىيە راك كېسەللىكلىرى تەتقىقات مەركىزىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئەرلەرنىڭ تۈرلۈك راك كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئاياللارنىڭكىدىن %60 يۇقىرى، ئۆلۈش نىسبىتىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن.ئەرلەرنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى ئاياللارنىڭكىدىن 5 يىلدىن 8 يىلغىچە قىسقا بولىدىكەن.

 تەتقىقاتلارغا قارىغاندا، بېسىم ۋە ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرى ئەرلەرنىڭ قىسمەن ئەزالىرىنىڭ بالدۇر«بىراك» بولۇشىغا سەۋەبچى بولىدىكەن، شۇڭا مۇتەخەسسسلەرنىڭ قارىشىچە، ئەرلەر سەككىزرايوننى جەزمەن ياخشى قوغدىشى كېرەك ئىكەن.

 ئۆپكە: ئاسانلا قولدىن كېتىدىغان مۇداپىئە  لىنىيەسى

 بەزىلەرنىڭ قارىشىچە، ئۆپكە ئاسانلا قولدىن كېتىدىغان مۇداپىئە لىنىيەسى بولۇپ، شۇ سەۋەبلىك ئۆپكە راكى ئەرلەرنىڭ ھاياتىغا زامىن بولىدىغان بىرىنچى ئەزرائىل دەپ قارىلىدىكەن.بۇ لىنىيەنى ئاسانلا قولدىن بېرىپ قويۇشتىكى سەۋەب ئىس (تاماكا) ئىكەن. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆپكە راكى بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ ئوندىن توققۇزى تاماكا چېكىدىغانلار ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، مۇھىت بۇلغىنىشى، زىيادە چارچاش قاتارلىق ئامىللارمۇ ئۆپكە راكى پەيدا قىلىدىكەن. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، تاماكا چېكىدىغانلار جەزمەن يىلدا بىر نەچچە قېتىم سالامەتلىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى، ئامال بارتاماكا تاشلىشى، تۇمانلىق، ھاۋا رايى ناچار كۈنلىرى سىرتتا ئۇزاق تۇرماسلىقى،بولسا ماسكا تاقىۋېلىشى، نەشپۈت، ئالما قاتارلىق ئۆپكىگە پايدىلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىشى كېرەك ئىكەن.


 جىگەر: ساغلام بولمىغان جىگەرگە بالدۇرراق خوش، دېيىش كېرەك

 كىشىلەر ئارىسىدامۇنداق ئىككى خىل جىگەرگە ئائىت كېسەللىك نامى بار __ ھاراقنى كۆپ ئىچكەنلىكتىن بولىدىغان جىگەر كېسىلى ۋە جىگەرنى ماي قاپلاش. ئەرلەردە دەل يۇقىرىقىدەك جىگەركېسىلى كۆپرەك بولىدۇ. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، جىگەر راكى بىلەن ئۆلۈپ كېتىدىغان ئەرلەر ئاياللاردىن يەتتە ھەسسىدىن 10 ھەسسىگىچە كۆپ بولىدىكەن. جىگەر ياللۇغىدىن باشقا، ھاراقنى كۆپ ئىچىش، زىيادە چارچاش، جىددىيلىشىش، دائىم كېچىلەپ ئىشلەش قاتارلىقلار جىگەر راكىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبچىسى ئىكەن، شۇڭا ئەرلەر جىگىرىنى بەكرەك قوغدىشى، 40 ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى ئەملەتكەندىن باشقا، سالامەتلىكىنى قەرەللىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى، جىگەر كېسىلى،ھاراق ئىچكەن تارىخى بەش يىلدىن ئاشقانلار جىگىرىنى ئاسراشقا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىشى،چېچەكسەي، يازلىق يېسىۋېلەك قاتارلىق جىگەرنى ئاسرايدىغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىشى كېرەك.


 ئۈچەي: تۈزئۈچەينى پات-پات تەكشۈرتۈش كېرەك

 تۈز ئۈچەي راكى نۆۋەتتە ئەرلەرنىڭ ساغلاملىقىغا تەھدىت سېلىۋاتقان ئاساسلىق كېسەللىكلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بارغانسېرى ياشلىشىشقا قاراپ يۈزلىنىۋېتىپتۇ. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، ھايۋانات يېغىنى كۆپ يېيىش، يېمەكلىك تالالىرى كۆرۈنەرلىك ئازىيىش،ھەرىكەت ئاز بولۇش، مېتابولىزم ياخشى بولماسلىق قاتارلىقلار تۈز ئۈچەي راكىنى پەيدا قىلىدىغان ئاساسلىق سەۋەبلەر ئىكەن. ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مۇۋاپىق غىزالىنىش، كۆپ ھەرىكەت قىلىش، ياغدا پىشۇرغان، قاقلىغان يىمەكلىكلەرنى ئازراق يېيىش كېرەك. ھەرىكەتنى مۇۋاپىق كۆپەيتىپ، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى كۈچەيتىپ، ياخشى مېتابولىزم ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.


 بەل: يوغان قورسىقىڭىزنى كىچىكلىتىشىڭىز كېرەك

 كىلىنىكىلىق سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، دۆلىتىمىزدە ئەرلەرنىڭ بەلگە مۇناسىۋەتلىك كېسەلگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى كۈنسېرى ئاشقان، بولۇپمۇ بەل ئارىلىق تەخسىسى پولتىيىپ چىقىش كېسىلى، بەل مۇسكۇلى زەخمىلىنىش كېسىلى، بەل ئومۇرتقىسى چېكىنىش خاراكتېرلىك كېسەللەرگە گېرىپتار بولۇش نىسبىتى ئاشقان.مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە،ئەرلەر جىسمانىي ئەمگەكنى كۆپ قىلغاچقا، بەل مۇسكۇلىغا ئائىت كېسەللىككە ئاياللارغا قارىغاندا كۆپرەك گىرىپتاربولىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، دائىم ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىدىغانلارنىڭمۇ يۇقىرىقىدەك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدىكەن، شۇڭا ئەرلەر بېلىنى كۆپرەك ئاسرىشى، زىيادە ئېغىر نەرسىلەرنى كۆتۈرمەسلىكى، بىلىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ چېنىقتۇرۇشى، قورساق سېلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، قارا گۈرۈچ،سىيادان، چىلان، ياڭاققا ئوخشاش يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىشى كېرەك.


 ئاشقازان: ھاراق،تاماكىنى تاشلاش كېرەك

 تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئوتتۇرا ياشتىن باشلاپ تۈرلۈك ئاشقازان كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئېشىپ، سەللا دىققەت قىلمىسا، ئاشقازان راكىغا گىرىپتار بولۇپ قالىدىكەن. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ئەرلەرنىڭ ئاشقازان راكىغا گىرىپتار بولۇشنىسبىتى ئاياللارنىڭكىگە قارىغاندا 1.5 ھەسسىدىن 2.5 ھەسسىگىچە يۇقىرى بولىدىكەن.ئاساسلىقى ھاراقنى كۆپ ئىچىش، تاماقنى بەك تويۇنۇپ يېيىش قاتارلىقلار ئاشقازان كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن. شۇڭا ئەرلەر تەرتىپلىك ئوزۇقلىنىشى، تۇزلۇق، ئاچچىق تاماقلارنى يېمەسلىكى، تاماقنى قىزىق يېمەسلىكى، خام،سوغۇق نەرسىلەرنىمۇ ئازراق يېيىشى، كۆپرەك چايناپ ئاندىن يۇتۇشى كېرەك ئىكەن.


 مەزى بېزى:سۈيدۈك يىغماسلىق كېرەك

 مەزى بېزى ئۆزىكىچىك بولغىنى بىلەن، چاتاق جىق چىقىدىغان يەر. تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، %50ئەرلەر مەلۇم ياش مەزگىلىدە مەزى بېزى ياللۇغىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىكەن. يېقىندىن بۇيان ئېلىمىزدە مەزى بېزى راكىغا گىرىپتار بولىدىغانلار بارغانسېرى ياشلىشىشقا قاراپ يۈزلىنىۋېتىپتۇ. بۇ كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كۆپرەك سۇ ئىچىش،سۈيدۈك يىغماسلىق، تاماقنى ياغسىزراق يېيىش، ئۆزىنى خۇشال تۇتۇش، ئىچ كىيىمنى پاكىز تۇتۇش، پەمىدۇر، ئۈزۈم قاتارلىقلارنى كۆپرەك يەپ بېرىش كېرەك ئىكەن

 


 ئېغىز بوشلۇقى: «ئۈچ ئۈچ تۈزۈمى» گە ئەمەل قىلىش كېرەك

 كىلىنىكىلىق سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئېغىز بوشلۇقى راكى ئاساسلىقى ياشلاردا كۆپ كۆرۈلۈۋاتقان بولۇپ، ئېغىز بوشلۇقى تازىلىقىغا دىققەت قىلماسلىق، تاماكا چېكىش،ھاراق ئىچىش قاتارلىقلار ئېغىز بوشلۇقى شىللىق پەردىسىنى غىدىقلاپ، ئېغىز بوشلۇقى راكىنى پەيدا قىلىدىكەن. ئادەتتە ئېغىز بوشلۇقى ساغلاملىقىنى ئاسراشتا «ئۈچ ئۈچتۈزۈمى» گە ئەمەل قىلىش كېرەك ئىكەن، يەنى كۈندە ئۈچ ۋاق تاماقتىن كېيىن چىش چوتكىلاش، ھەر قېتىمدا ئۈچ مىنۇتتىن كەم بولماسلىق. بەزىدە چوتكىلىيالماي قالغاندا تۇز سۈيى بىلەن ئېغىز بوشلۇقىنى چايقاش، دائىم ئېغىز بوشلۇقى يارىسى بولۇپ قالىدىغان ھەم ئۇدا ئىككى ھەپتىگىچە ساقايمىغانلار ۋاقتىدا تەكشۈرتۈشى كېرەك ئىكەن.


 يۈرەك: يۈرەككە زىيانلىق ئىشلاردىن نېرى تۇرۇش كېرەك

 ئەرلەرنىڭ تاجىسىمان يۈرەك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئاياللارنىڭكىگە قارىغاندا يۇقىرى بولىدىكەن. ئامېرىكا مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قارىشىچە، ئەرلەرنىڭ يۈرىكىگە تۆۋەندىكى ئىككى ئادەت بەكرەك زىيانلىق ئىكەن: بىرىنچى، ناچار ئوزۇقلىنىش ئادىتى،يەنى تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش، گۆشنى كۆپ يېيىش، دېگەندەك؛ ئىككىنچى، بېسىمى ئارتىپ كېتىش، يەنى خىزمەت، تۇرمۇش بېسىمى، دېگەندەك، شۇڭا ئەرلەر كۆپرەك كۆكتات،مېۋە يېيىشى، ياخشى تۇرمۇش ئادىتى يېتىلدۈرۈپ، تەشۋىشلىنىش، بېسىم قاتارلىقلاردىنيىراقراق تۇرۇشى كېرەك.

阅读5
举报0
关注新疆涛兰养生服务链有限公司微信号:elshipa

用微信扫描二维码即可关注
声明

1、头条易读遵循行业规范,任何转载的稿件都会明确标注作者和来源;
2、本文内容来自“新疆涛兰养生服务链有限公司”微信公众号,文章版权归新疆涛兰养生服务链有限公司公众号所有。

评论
更多

文章来自于公众号:

邮箱qunxueyuan#163.com(将#换成@)
微信编辑器
免责声明
www.weixinyidu.com   免责声明
版权声明:本站收录微信公众号和微信文章内容全部来自于网络,仅供个人学习、研究或者欣赏使用。版权归原作者所有。禁止一切商业用途。其中内容并不代表本站赞同其观点和对其真实性负责,也不构成任何其他建议。如果您发现头条易读网站上有侵犯您的知识产权的内容,请与我们联系,我们会及时修改或删除。
本站声明:本站与腾讯微信、微信公众平台无任何关联,非腾讯微信官方网站。